高校单招网-专业的高校招生咨询服务平台 返回首页
2050728072
010-69659766
华北地区 北京 天津 河北 山西 内蒙古  
东北地区 黑龙江 吉林 辽宁  
华东地区 山东 上海 江苏 浙江 江西 安徽 福建
华南地区 广东 广西 海南  
华中地区 河南 湖北 湖南  
西北地区 陕西 甘肃 宁夏 新疆 青海  
西南地区 重庆 四川 贵州 云南 西藏  
您当前位置:
首页 > 新疆单招 > 单招政策

تۇنجى قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئارزۇ تولدۇرۇرۇلىدۇ

2016-09-27

 

تۇنجى قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئارزۇ تولدۇرۇرۇلىدۇ   ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 8 دىن 20 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولغان ۋاقىت ئىچىدە خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى تولۇق كۇرس 0- تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبى شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ. 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە تولۇقلاپ تولدۇرۇلغان ئارزۇغا ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلارنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىدا بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 8 دىن 20 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولغان ۋاقىت ئىچىدە خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار، قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق كۇرس 0- تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبى شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرىدۇ. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تولۇقلاپ تولدۇرۇلغان ئارزۇغا ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارخىپ چىقارغاندا بىرقىسىم مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلىرىگە نومۇر سىزىقى ئۈستىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمىسە، نومۇر سىزىقى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىشى مۇمكىن. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان ئورۇندالمىغان پىلانغا ئائىت مەزمۇنلارنى (كەسىپ، پىلان سانى، ئوقۇش ھەققى، ئىزاھاتى) تولۇق، ئەستايىدىل كۆرۈپ تولدۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇشتا، تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدە 2 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ، «پەلەمپەي» شەكلىدىكى ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبى شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا 2 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ، «پەلەمپەي» شەكلىدىكى ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە 6 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ، پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ئىلگىرىكى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ، «ش ئۇ ئا ر 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى» نى ئاچقاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى، مەخپىي نومۇرى (شىفىر) ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىدۇ (مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئۇقۇغان مەكتىپىڭىزدىكى باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ). سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن «征集志愿公告» ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلان ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تولدۇرماقچى بولغان مەكتەپ، كەسىپلەرنى بېكىتكەندىن كېيىن «填报及修改志愿» نى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ. ئارزۇيىڭىزنى موقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن «保存» نى باسسىڭىز بولىدۇ.  ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ئارزۇ تولدۇرۇش شەرتىگە ﺗﻮﺷﻘﺎن، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا ئارزۇ تولدۇرۇشىنى ئەسكەرتىدۇ.

本文章由阳光招生网整理并转载发布,如有异议请联系客户及时删除,谢谢合作!
(阳光招生网-中国专业的高校招生教育咨询服务平台,先设有高考资讯、高校院校库、招生简章、批次线、专业目录、志愿填报、高考常识、特殊招生、高校视频、高校电话、高校微信、高校微博、咨询室栏目,提供最新、最准备的普通高考招生信息,为考生和家长提供有效的信息。)
视频栏目
网站介绍】 - 【广告合作】 - 【网站声明】 - 【友情链接】 - 【公司介绍】 - 【人才招聘】 - 【联系方式

服务电话:010-60685631 15901286490 QQ:307197578 邮箱:xiaoxing860903@126.com 地址:北京市怀柔区开放东路一号209室

高校单招网由北京东方鹏翔网络科技有限公司主办 高校单招网信息管理中心 京ICP备13039119号-3  京公网安备xxxxxx号

高职单招、自主招生、对口单招、春季高考、单考单招、三位一体、提前招生、农村、体育、艺术类招生、中专高职特殊招生咨询服务——高校单招网为您择校提供便捷服务