高校单招网-专业的高校招生咨询服务平台 返回首页
2050728072
010-69659766
华北地区 北京 天津 河北 山西 内蒙古  
东北地区 黑龙江 吉林 辽宁  
华东地区 山东 上海 江苏 浙江 江西 安徽 福建
华南地区 广东 广西 海南  
华中地区 河南 湖北 湖南  
西北地区 陕西 甘肃 宁夏 新疆 青海  
西南地区 重庆 四川 贵州 云南 西藏  
您当前位置:
首页 > 新疆单招 > 单招政策

تۆتىنچى قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇڭ

2016-09-27

تۆتىنچى قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇڭ

2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس قاتلىمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. تولۇق كۇرسقا جەمئىي 63 مىڭ 400 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى (مەخسۇس كۇرس 0-تۈركۈم) گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەنئەت، تەنتەربىيە تۈرى ھەمدە باشقا ئالدىن ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى).

ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 1-تۈركۈم: دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىشى تەستىقلانغان ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى.

 ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 1-تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ كونكرېت ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئارخىپى چىقىرىلىپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ. 8-ئاينىڭ 23-، 24-كۈنلىرى قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلارنىڭ ئارخىپى چىقىرىلىپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.

8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن كەچ سائەت 6 گىچە مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 0-تۈركۈم، 1-تۈركۈم مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. 8-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنى تولۇقلاپ تولدۇرۇلغان ئارزۇغا ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

 

8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن كەچ سائەت 6 گىچە قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 0-تۈركۈم، 1-تۈركۈم مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. 8-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنى تولۇقلاپ تولدۇرۇلغان ئارزۇغا ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئاز بولغاچقا بىرقىسىم پىلانى ئورۇندالمىدى، بۇ كەسىپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارخىپ چىقارغاندا، نومۇر سىزىقى ئۈستىدە يەنىلا ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمىسە، نومۇر سىزىقى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. شۇڭا قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنىڭ نومۇر سىزىقىغا يېتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئاۋال شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) دىن ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنغان ياكى قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، قوبۇل قىلىنمىغان بولسا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقلاپ تولدۇرغان ئارزۇسىغا قايتا ئارخىپ چىقىرىلمايدۇ.

 ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان ئورۇندالمىغان پىلانغا ئائىت مەزمۇنلارنى (تىل تۈرى، پەن تۈرى، تۈركۈمى، كەسىپ، پىلان سانى، ئوقۇش ھەققى، ئىزاھاتى) تولۇق، ئەستايىدىل كۆرۈپ تولدۇرۇشى كېرەك.

ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ئىلگىرىكى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ، «ش ئۇ ئا ر 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى» نى ئاچقاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى، مەخپىي نومۇرى (شىفىر) ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىدۇ (مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئۇقۇغان مەكتىپىڭىزدىكى باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ). سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن      «征集志愿公告» ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلان ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تولدۇرماقچى بولغان مەكتەپ، كەسىپلەرنى بېكىتكەندىن كېيىن «填报及修改志愿» نى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ. ئارزۇيىڭىزنى موقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن    «保存» نى باسسىڭىز بولىدۇ.

ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ئارزۇ تولدۇرۇش شەرتىگە ﺗﻮﺷﻘﺎن، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا ئارزۇ تولدۇرۇشىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى سوئاللىرى بولسا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئورنىغا (ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولى 456-نومۇر) ياكى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپاراتلىرىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 8750000-0991 .

 


本文章由阳光招生网整理并转载发布,如有异议请联系客户及时删除,谢谢合作!
(阳光招生网-中国专业的高校招生教育咨询服务平台,先设有高考资讯、高校院校库、招生简章、批次线、专业目录、志愿填报、高考常识、特殊招生、高校视频、高校电话、高校微信、高校微博、咨询室栏目,提供最新、最准备的普通高考招生信息,为考生和家长提供有效的信息。)
视频栏目
网站介绍】 - 【广告合作】 - 【网站声明】 - 【友情链接】 - 【公司介绍】 - 【人才招聘】 - 【联系方式

服务电话:010-60685631 15901286490 QQ:307197578 邮箱:xiaoxing860903@126.com 地址:北京市怀柔区开放东路一号209室

高校单招网由北京东方鹏翔网络科技有限公司主办 高校单招网信息管理中心 京ICP备13039119号-3  京公网安备xxxxxx号

高职单招、自主招生、对口单招、春季高考、单考单招、三位一体、提前招生、农村、体育、艺术类招生、中专高职特殊招生咨询服务——高校单招网为您择校提供便捷服务